Untalmaymen歌词由Abdulla Bekri演唱,出自专辑《》,下面是《Untalmaymen》完整版歌词!
Untalmaymen歌词完整版
作词 : Abdulla Bekri
作曲 : Abdulla Bekri
编曲 : Abdulla Bekri
ئۇنتالمايمەن
بارلىقىم، شاتلىقىم، ئارمانىمسەن
سېنىڭسىز خۇش كۈلۈپ يۈرەلمەيمەن
كۆڭلۈمنىڭ بېغىدا تەنھا گۈلسەن
ئەي گۈلۈم ھىدىڭنى ئۇنتالمايمەن
-----------
كەتمىگىن ئەي نىگار، كەتمە زىنھار
باغرىمنى قان قىلما چىدالمايمەن
ئۇنتارمەن ھەممىنى بىر كۈن ھامان
ۋە لېكىن بىر سېنى ئۇنتالمايمەن
-----------
كۈن ئۆتەر، ئاي ئۆتەر، يىلمۇ ئۆتەر
كۈتەرمەن بىر ئۆمۈر قىيالمايمەن
ۋەسلىگە سۆيگىنىڭ كىممۇ يېتەر
ئەي نىگار مەن سېنى ئۇنتالمايمەن
-----------
ئۇنۇتغىن دېمىگىن ئۇنتالمايمەن
شۇ سەبى چاغلارغا قايتالمايمەن
ئۆتەرمەن دۇنيادىن سېنى كۈيلەپ
مەڭگۈگە يار سېنى ئۇنتالمايمەن
-----------