Neri Tur 离我远点歌词由Nahxa演唱,出自专辑《Waz Kaqtim 老回忆1》,下面是《Neri Tur 离我远点》完整版歌词!
Neri Tur 离我远点歌词完整版
قونچاق ئەمەس مەن ئەمدى
سۆيەلمەيمەن نېرى تۇر
ئالدانغا توي ئەمدى
كۆيەلمەيمەن نېرى تۇر
ئادەم دېگەن ئادەمگە
خار بولمايدۇ بىلىپ قال
ئالداشلارغا جۆر بولۇپ
يۈرەلمەيمەن نېرى تۇر
ئادەم دېگەن ئادەمگە
خار بولمايدۇ بىلىپ قال
ئالداشلارغا جۆر بولۇپ
يۈرەلمەيمەن نېرى تۇر
♪ ♬ ♪
نەچچە قېتىم خار قىلدىڭ
ئاشتى ساڭا نەپرىتىم
ۋاپاسىزدىن ساداقەت
كۈتەلمەيمەن نېرى تۇر
غادايساڭمۇ كۆيگەچكە
كۆنگەن ئىدىم ئامال يوق
سەۋرىم توشتى غادايساڭ
سۆيەلمەيمەن نېرى تۇر
غادايساڭمۇ كۆيگەچكە
كۆنگەن ئىدىم ئامال يوق
سەۋرىم توشتى غادايساڭ
سۆيەلمەيمەن نېرى تۇر
♪ ♬ ♪
گۈزەللىكتە ئاي دېدىم
مەيلىم بولغاچ ۋاي دېدىم
مەھەللەڭدىن ئەمدى يار
ئۆتەلمەيمەن نېرى تۇر
دۇنيادا سەن بىر ئەمەس
توختاپ قالغىن بولدى بەس
سەندەك ئۈژمە كۆڭۈلگە
كۆنەلمەيمەن نېرى تۇر
دۇنيادا سەن بىر ئەمەس
توختاپ قالغىن بولدى بەس
سەندەك ئۈژمە كۆڭۈلگە
كۆنەلمەيمەن نېرى تۇر
♪ ♬ ♪
ئالداشلىرىڭ تار ماڭا
نەچچە ئاشىق زار ماڭا
سۆيگۈ پەيزى سەن بىلەن
سۈرەلمەيمەن نېرى تۇر
ئالداپ قويدۇڭ نە ئۈچۈن
يالۋۇرۇش خار مەن ئۈچۈن
ئەمدى گۈللەر سەن ئۈچۈن
ئۈزەلمەيمەن نېرى تۇر
ئالداپ قويدۇڭ نە ئۈچۈن
يالۋۇرۇش خار مەن ئۈچۈن
ئەمدى گۈللەر سەن ئۈچۈن
ئۈزەلمەيمەن نېرى تۇر
سەندەك ئۈژمە كۆڭۈلنى
سۆيەلمەيمەن نېرى تۇر