Tumandiki Bahar歌词由Shafaet Osman演唱,出自专辑《Tumandiki Bahar(春天)》,下面是《Tumandiki Bahar》完整版歌词!
Tumandiki Bahar歌词完整版
作曲 : Ilyar Xudaberdi
作词 : Chimengül Awut
«تۇماندىكى باھار»
شافائەت ئوسمان
سۆزى: چىمەنگۈل ئاۋۇت
مۇزىكىسى: ئىليار خۇدابەردى
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: ئىليار خۇدابەردى
تۈرۈكچە مىلودىيە: شىرئەلى دىلمۇرات
گىتتاردا: ئىليار خۇدابەردى
يانداش ئاۋازدا: مۇتەللىپ ئەھەد
ئۈن ئالغۇچى: ئىليار خۇدابەردى
ئاۋاز تېخنىك: ئىليار خۇدابەردى
بىر سائەت توختىغان پويىز ئالدىغـا
بىر ئوچۇم يېشىمنى ئېلىپ چىقمىدىم
قولۇمدا قىلىچ بار ساڭا ساقلىغـان
ياندۇرۇپ باغرىمغا يـا بىر تىقمىدىم
مەن سېنى ھەجەپمۇ سېغىندىم جېنىم
لېۋىمنى چىشلىدىم قانـاپ كەتكۈدەك
سەن بەلكىم ئولتۇرىسەن پۇتۇڭنى سوزۇپ
ئىچىمدە قاينايدۇ ئىسسىق بىر تىترەك
كەچ بولدى، قار ياغدى خىياللىرىمغا
ئايدىڭدەك پارلىدى نۇرلاندى ئەتراپ
ئۇيالدىم ئۆزۈمچە قىلىقلىرىمدىن
چېچىمنى تارىدىم ساڭىلا ئاتـاپ
ئۇيالدىم ئۆزۈمچە قىلىقلىرىمدىن
چېچىمنى تارىدىم ساڭىلا ئاتـاپ
…… مۇزىــكا ……
يۈزۈمگە ياققانتىم ئالقانلىرىڭنى
يېشىممۇ ھەسرىتىمدەك كەتتى ئاھ قۇرۇپ
دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى قاراسلاپ سۇندى
قار مومايغا ئايلاندىم باغرىڭدا تۇرۇپ
قەھرىڭدىن قۇمۇشلار قۇشقا ئايلاندى
تىكەنلەر سۈرۈلدى يولنىڭ بويىغا
كۆكتىكى تۇمانغا يېشىمنى بەرسەم
يامغۇردەك زىمىنغا قايتۇردى خۇدا
※ئاۋايلاپ سىلىدىم پۇتۇڭنى بىردەم※
※ھېلىقى ناخشىنى غىڭشىپ ئوقۇغاچ※
※بەش يىپلىق تىكىگەن يارا ئېغىزى※
※كۆرۈندى كۆزۈمگە بولۇپ قارلىغاچ※
※سەزدىم مەن تەپتىمدە تىنىقلىرىڭنى※
※چۆللەردىن ئوت بولۇپ كەلمەكتە مەجنۇن※
※لەيلىنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى كىچە※
※بېغىمدىن كۈل بولۇپ يوقالدى قۇزغۇن※
باھارنىڭ ھېدىغا كۆمۈلدى جاھان
چۇۋۇلغان چاچلىرىم پۇرايدۇ يالپۇز
گەر سالار ھاياتتا ئاخىرقى قېتىم
مەن ئەمدى بىر ئۆمۈر ئەمەسمەن يالغۇز
يــالــغــۇز
يــالــغــۇز
يــالــغــۇز
مەن ئەمدى بىر ئۆمۈر ئەمەسمەن يالغۇز
يــالــغــۇز
ھـــەي
يــالــغــۇز
يالغۇز
(ناخشا تېكىستى تەھرىرى: ئالىمجان)