Romiyo Va Jolita歌词由abdulla-abdurixit演唱,出自专辑《》,下面是《Romiyo Va Jolita》完整版歌词!
Romiyo Va Jolita歌词完整版
作词 : abdulla-abdurixit
作曲 : abdulla-abdurixit
编曲 : abdulla-abdurixit
ئاشق نىداسى
ئابدۇللا رىشىت
بىر سېنىڭ ئىشقىڭدا چىرايىم سۇلغۇن،
ئالەمدە گۈزەللەر بولسىمۇ نۇرغۇن.
سېنىڭدىن باشقىغا كۆيمەس بۇ يۈرەك،
سەن ئۈچۈن قەلبىمدە ياندى ئوت-يالقۇن.
سەن سۆيگۈ بېغىمدا ئېچىلغان رەيھان،
دىلىمنى ئەزمەكتە بىر قۇچاق ھىجران.
مەن ئاشق تىلىسەم سېنىڭدىن سۆيگۈ،
بېرەمسەن قەلبىڭدىن ماڭا بىر ماكان!؟
شاد كۈلكەم ياڭرايدۇ بولساڭ قېشىمدا ،
ئىشەنگىن سەن ھامان يۈرەك قېتىمدا.
گەر كىرسە ئۆزگىلەر كۆڭۈل خانەڭگە،
گۈلۈڭنى سۇغۇراي قانلىق يېشىمدا.
سەن ئۈچۈن ئاشقلار چۆلىدە ياتتىم،
تۆكۈلگەن ياپراقتەك سۇلاردا ئاقتىم.
سېنىڭسىز ھاياتىم قۇرۇغان دەرەخ،
ئۆت بولۇپ كۆيمەكتە قالماي تاقىتىم.
چىن سۆيگۈ بىلەن گۈزەلدۇر دۇنيا،
پاك سۆيگۈ ھاياتقا تولدۇرار مەنا،
كەچمەيلى ئازغىنە جاپانى كۆرۈپ،
دىلىمدا بىرلا سەن نىگارىم يەنا.
مۇنۇ شېئىرنى ئۆز سۆيگەن يارىم گۈلنىگار مەمەتكە بېغىشلايمەن!
دۇنيادىكى ھەممە كىشىنىڭ شۇ سۆيگەن يارلىرى بىلەن بىرگە مەڭگۈ بەخىتلىك بۇلشىغا تىلەكداشمەن!
رومىيو ۋە جولىتانىڭ ئېچىنىشلىق پاجىھەسى ھىچكىمنىڭ بىغىشىغا كەلمىسۇن!